- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى كۆپ دۆلەت ئارمىيەسى يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى
2015.07.27 15:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن: ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يەمەندە 26-ئىيۇل يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا بەش كۈن ئۇرۇش توختىتىدۇ دەپ جاكارلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەتلىك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇرۇش توختىتىش قارارى ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن چىقىرىلدى. ھادى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمانغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېدى: يەمەننىڭ ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىكتە ياردەمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، كۆپ دۆلەت قىسمىنىڭ 26-ئىيۇل كېچە سائەت 11دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ناۋادا ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە قۇسەي قوراللىقلىرى ۋە سابىق زۇڭتۇڭ سالىھقا سادىق قوراللىقلار ھۇجۇم قىلسا، كۆپ دۆلەت قىسىمى قايتۇرما زەربە بېرىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر