- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بەھرەين باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئارقىلىق ئىراننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى
2015.07.27 15:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بەھرەين دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 25-ئىيۇل ئۆزىنىڭ ئىراندىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىش ئارقىلىق ئىراننىڭ بەھرەيننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى. بەھرەين ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىران رەھبەرلىرى بەھرەينگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەققىدىكى سۆزلەرنى كەينى كەينىدىن ئېلان قىلدى، بەھرەين قوللىنىشقا بولىدىغان بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ بەھرەيننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ. 18-ئىيۇل ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىينىيى ئەمدىلا ئىمزالانغان ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ھەققىدە سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ئىراننىڭ سۇرىيە بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتىنى قوللىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، يەمەن، بەھرەين ۋە پەلەستىندىكى باستۇرۇلغان خەلقنى قوللىشىنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر