باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم جۇڭئۇن سۆز قىلىپ، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيىسى قەھرىمانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈردى

2015.07.27 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن 25-ئىيۇل پىيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 4-قېتىملىق پىشقەدەم ئەسكەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلىپ، چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى ئىنقىلاۋىي قۇربانلىرى ۋە جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيىسى ئىنقىلاۋىي قۇربانلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. كىم جۇڭئۇن ياپونغا قارشى ئۇرۇش ۋە چاۋشيەننى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي سالام يوللىدى، ئۇلارنىڭ چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى شۇنداقلا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ كۆرەش قىلىپ، قۇربان بولۇش بەدىلىگە چاۋشيەننىڭ ھەققانىي ئىنقىلاب ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بەرگەن جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيىسىنىڭ پىشقەدەم ئەسكەرلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. 27-ئىيۇل چاۋشيەن ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىق خاتىرە كۈنى، چاۋشيەن بۇنى ۋەتەننى ئازاد قىلغانلىق ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىق خاتىرە كۈنى دەپ ئاتايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر