- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيە مىدۋىدىۋنىڭ تالاش تارتىش بولۇۋاتقان ئارالنى زىيارەت قىلماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى
2015.07.27 15:52 مەنبە: خەلق تورى
ياپونىيەدىپلوماتىيە ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو 24-ئىيۇل رۇسىيە زۇڭلىسى مىدۋىدىۋدىن رۇسىيە كۇرل ئارىلى دەپ ئاتايدىغان شىمالدىكى تۆت ئارالدا زىيارەتتە بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ: بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دېدى. كىشىدا فۇمىئو بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ناۋادا رۇسىيە رەھبەرلىرى شىمالدىكى تۆت ئارالدا زىيارەتتە بولسا، بۇ ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا زىت بولۇپ، ياپونىيە خەلقىنىڭ ھىسسىياتىغا ئازار بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ياپونىيە بۇندىن ئىلگىرى رۇسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئارقىلىق رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن سۆزلەشكەن ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر