باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەلىك ئالىملار: «پوتسدام ئاخبارات»نىڭ تارىخىي ئورنىنى تەۋرىتىشكە بولمايدۇ

2015.07.27 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  70-يىل ئىلگىرىكى 26-ئىيۇل ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىرلىشىپ «پوتسدام ئاخباراتى»نى ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى. رۇسىيەنىڭ ياپونىيە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى كىستارنوف يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پوتسدام ئاخباراتى» مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخىي ئورنىنى تەۋرىتىشكە بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاخباراتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ياپونىيە مىللىتارىزمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاسىيا خەلقىگە تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ئېلىپ كەلدى. بۇ ئاخباراتمۇ ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا يول ئېچىپ بەردى، يەنى ئۇلار مىللىتارىزمدىن ۋاز كەچتى، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى جازالىدى، بۇ ئاخبارات شۇبھىسىزكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. كىستارنوف مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: گەرچە 70 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن «پوتسدام ئاخباراتى»نىڭ تارىخىي ئورنىنى تەۋرىتىشكە بولمايدۇ. ئىتتىپاق تۈزگۈچى بارلىق دۆلەتلەر، جۇملىدىن شەرتنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغان ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر