باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن كورىيەنى نازۇك سۇ ساھىلىدە ھەربىي ئېغىۋارگەرچىلىك تۇغدۇردى دەپ ئەيىبلىدى

2015.07.27 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ پانمۇنجۇمدىكى ۋەكىللەر باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ غەربىي دېڭىزدىكى نازۇك سۇ ساھىلىدە ھەربىي ئېغىۋاگەرچىلىكى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. چاۋشيەن ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا باياناتچى مۇنداق دېگەن: يېقىندا كورىيە ئارمىيەسى بەيلېڭ ئارىلى بىلەن يىنپىڭ ئارىلىدا توپ ئېتىش مەشىقى ئېلىپ بېرىپ، غەربىي دېڭىزدىكى نازۇك سۇ ساھىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. مەسىلە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەربىي ئېغىۋاگەرچىلىكنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچى ئىكەنلىكىدە، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى غەرىزى قانۇنسىز بولغان شىمال چېگراسىنى ساقلاش. باياناتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋشيەن ئارمىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىنى ئەمەلىيەتكە توغرا قاراپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنى توختىتىشقا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكا ئۆزلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قوزغاش بازىسىنىڭ چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ بىۋاسىتە زەربە بېرىش دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر