- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەكشۈرگۈچىلەر گېرمانىيەنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلانىدىكى 78 جەسەتنىڭ DNA سىنى ئايرىپ چىقتى
2015.03.31 17:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيە قانىتى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل فىرانسىيە مارسېل شەھرىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى روبنىي تۈنۈگۈن: جەسەتنى پەرق ئېتىش خىزمىتىگە قاتناشقان تەكشۈرگۈچىلەر ھادىسىگە ئۇچرىغان 78 كىشىنىڭ DNA سىنى ئايرىپ چىقتى، بۇ DNA نى قازا قىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، دەپ جاكارلىدى.
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەنىڭ ئاختۇرۇش خادىملىرى ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغان نەخ مەيدانغا بارىدىغان بىر يولنى ئاچقان، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن تاغلىق رايوندىن ئايروپىلاننىڭ چوڭراق قالدۇقلىرىنى توشۇشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بەلكىم بۈگۈندىن تارتىپ دالا ئاپتوموبىلىنى ئىشقا سالىدىكەن. فىرانسىيە ھازىر نەخ مەيداندىكى ئاختۇرۇش خادىملىرى ۋە جەسەتلەرنى تىك ئۇچار بىلەن بوشلۇقتىن توشۇغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر