سۈرەتتە: 30-مارت شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە تۇنجى يېڭى ئەۋلات يەتتە قاراقچى يۇلتۇز يول باشلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھىنى توشۇيدىغان چاڭجېڭ 3- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتاغا ئوت يېقىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇكۈنى سائەت 21دىن 52مىنۇت ئۆتكەندە،دۆلىتىمىز شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 3- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق تۇنجى يېڭى ئەۋلات يەتتە قاراقچى يۇلتۇز يول باشلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلىگەن ئوربېتىغا ئوڭۇشلۇق كىردى.
بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى دۆلىتىمىز يەتتە قاراقچى يۇلتۇز سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچى سىستېمىسىنىڭ رايون ئايلىنىشدىن يەرشارىنى ئايلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن يېڭى ئەۋلاد يەتتە قاراقچى يۇلتۇز يول باشلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھسى،دۆلىتىمىز قويۇپ بەرگەن 17- يەتتە قاراقچى يۇلتۇز يول باشلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى