باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئاسىيانىڭ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەردى

2015.03.31 17:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈنكى ئاسىيا قانداق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ؟ كەلگۈسىدىكى ئاسىيا قانداق تەرەققىياتقا موھتاج؟ بۇ يىل ئەتىيازدىكى بوئاۋدا ئاسىيا ئويلىنىش ۋە پىلانلاش پەيتىنى كۈتۈۋالدى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-مارت بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلەپ، ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشنىڭ دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى.

  شۇنىسى ئېنىقكى، بۈگۈنكى ئاسىيادا ھەم تارىختىن قېلىپ قالغان بىر قىسىم مەسىلە ۋە رېئال زىددىيەت، ئىختىلاپلار مەۋجۇت شۇنداقلا تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە، لېكىن تىنچلىق، بىخەتەرلىككە بولغان ئورتاق ئىنتىلىش-بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ چۈشمەكتە.

  رەئىس شى جىنپىڭ نۇتۇقىدا تەشەببۇس قىلغاندەك. سوغۇق مۇناسىۋەت تەپەككۇرىدىن ۋاز كېچىپ، بىخەتەرلىك قارىشىنى يېڭىلاپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، تەڭ نەپ ئالىدىغان ئاسىيا بىخەتەرلىك يولىدا تېرىشىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەستايىدىل قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە قۇرۇشىغا ئالاھىدە موھتاج. ئاسىيادىكى چوڭ گەۋدە بولغان جۇڭگو ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ھازىرغىچە ئەتراپىدىكى سەككىز دۆلەت بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى، ھازىر جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش ئۈستىدە كېڭىشىپ، ئەتراپىدىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

  ئاسىياغا دۇنيا نوپۇسىنىڭ %60 تىن كۆپرەكى، دۇنيا قەدىمكى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر، ئوخشىمىغان مىللەتلەر، ئوخشىمىغان دىنلار بىللە تۇرماقتا، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچانلىق بولمىسا، بىردەك ئىتتىپاقلىشىش تەسكە توختايدۇ.

  ئېچىۋېتىش-بەش چوڭ قىتئە بىلەن شېرىكلىشىپ تەڭ قاتنىشىۋاتقان، تەڭ نەپ ئېلىۋاتقان، ئورتاق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاسىيانىڭ روھىي ھالىتى؛ سىغدۇرۇش-ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، بىردەك كېڭىشىش، بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتىكى ئاسىيا ئەندىزىسى. رەئىس شى جىنپىڭ نۇتۇقىدا، چوڭ دۆلەت بولۇش-رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ چوڭ مونوپوللۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ دېگەن ئورتاق سادانى چىقاردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئىتتىپاقى جەنۇبىي ئوكيان فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سۇليونو جۇڭگونىڭ ئاسىيا، ھەتتا يەر شارى دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىشى-چوڭ دۆلەتنىڭ ھەقىقىي تەدبىرى دېدى.

  دەرھەقىقەت، جۇڭگو تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان بىر بەلباغ، بىر يول دەل مۇشۇنداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈردى. نۆۋەتتە، لىنىيە بويىدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈردى؛ نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەچچە دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ مۇددىئالىق قاتناشقۇچى دۆلىتى بولدى ياكى ئۇنىڭغا ئىلتىماس قىلدى. دۇنيا بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان ئاسىيانىڭ يېڭى كېلەچەك يولىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى بارغانسېرى ئېنىق كۆرۈپ يەتمەكتە.

  يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس دېگەندەك، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر رايونغا تەۋە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىياسىي، ئىقتىساد، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە مەنپەئەت ۋە مەسئۇلىيەت جەھەتتىن تېخىمۇ ئورتاق مۇناسىۋەتكە ئىگە. تارىخىي تەجرىبىلەر بالدۇرلا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت باراۋەر ئۆتكەن، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالغاندىلا، ئاندىن ئاسىيانىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، چوڭ، ياخشى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

  بۈگۈنكى ئاسىيا دۇنيا ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە ئىگە، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە رايونلارنىڭ بىرى. رەئىس شى جىنپىڭ نۇتۇقىدا تىلغا ئالغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى، شەرقىي ئاسىيا ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسى، ئاسىيا ئەركىن سودا تورى، رايون پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق سىستېمىسى، ئاسىيا دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىق مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق سەھنىلىرىنى ئورتاق قۇرۇش-رايون دۆلەتلىرىگە داۋاملىق ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ، ئاسىيانى ئورتاق گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلتېشىغا ئايلانغۇسى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر