- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نىگېرىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش ئاياغلاشتى
2015.03.31 17:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نىگېرىيە دۆلەتلىك مۇستەقىل سايلام كومىتېتى 29-مارت: نىگېرىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش ئاياغلاشتى، مۇستەقىل سايلام كومىتېتى ئاۋاز بېرىش ئاياغلىشىپ 48 سائەت ئىچىدە سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ دەپ جاكارلىدى.
سايلام مەزگىلىدە، نىگېرىيە نۇرغۇن ساقچى كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئاۋاز بېرىشنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، لېكىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالالمىدى. سايلام باشلانغان كۈنى غەربىي شىمالدىكى بورنو ئوبلاستىنىڭ بۇراتەي رايونىدا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 25 ئادەم قازا قىلدى.
نىگېرىيە دۆلەتلىك مۇستەقىل سايلام كومىتېتى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: نىگېرىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى جوناسىن ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات قۇرۇلتىيىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بۇخارى بىلەن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى تالىشىدۇ دېگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر