باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ستولتېنبېرگ: ش ئا ئە ت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى زۆرۈر

2015.03.31 18:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈنۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇھاكىمىسىگە قاتناشقاندا: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېڭى بىخەتەرلىك خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە، شۇڭا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى زۆرۈر دېدى.

  ستولتېنبېرگ مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى نۇرغۇن ئورتاقلىقلارغا ئىگە ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 22 دۆلەت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى. نۆۋەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ بىخەتەرلىك خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە، يېڭى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئاستىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى زۆرۈر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر