باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوڭ قانات ئۆكتىچى گۇرۇھ پارتىيەسى فىرانسىيە پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

2015.03.31 17:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22- ۋە 29-مارت فىرانسىيەدە ئۆلكە پارلامېنت سايلىمىغا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىم ئاۋاز بېرىلدى. فىرانسىيە ئەلرايىنى تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئېلان قىلغان دەسلەپكى نەتىجىگە قارىغاندا، سابىق زۇڭتۇڭ ساركوزى رەھبەرلىكىدىكى ئوڭ قانات بىرلەشمە پارتىيەسى سايلامدا غەلىبە قىلغان.

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 22-مارت ئېلىپ بېرىلغان ئۆلكە پارلامېنت سايلىمىغا بىرىنچى قېتىم ئاۋاز بېرىشتىن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ قېتىم سايلام نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەن بېكىتكەن سىياسەت يۆنىلىشىمنى ئۆزگەرتمەيمەن، ھازىرقى زۇڭلى ۋالىسنىمۇ ئالماشتۇرمايمەن. فىرانسىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق سىياسىيشۇناسلىرى يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق يىغىلىشتا سايلىغۇچىلارنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش كۆرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە چېكىدىن ئاشقا ئوڭچىل خەلق فىرونتىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشى فىرانسىيەگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر