باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

2015.03.31 18:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2015-يىللىق يىغىنىدا باش مەقسەتتە سۆز قىلىپ، ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاپ، ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئاسىيانىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ تاشلىغان قەدىمى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇتقى زال ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى. خەلقئارادىكى زاتلار خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بايان قىلغان ئىدىيە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاپ، ئاسىيانىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشنى جۇڭگونىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق سەمىمىي قاراش. جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھالىتىگە تۈرتكە بولۇش ئاستىدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر