- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى تۇنىستىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامايىشقا قاتناشتى
2015.03.31 17:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بائېردۇدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلارنى خاتىرىلەپ، تۇنىسنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 29-مارت تۇنىسنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامايىشقا قاتناشتى.
نامايىشچىلار قوشۇنى بارئېردۇ مۇزېيغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇنىس زۇڭتۇڭى ئايسېبۇشى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى نامايىش تۇنىس خەلقىنىڭ تېررورىزمغا قەتئىي تېز پۈكمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھوللاندىمۇ تۇنىسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: فىرانسىيە تۇنىس خەلقى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدۇ دېدى.
18-مارت تۇنىسنىڭ بائېردۇ مۇزېيىدا ئېغىر قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 23 ئادەم قازا قىلدى، 40دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر