- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باھالاش ئۆمىكى: بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى بار
2015.03.31 17:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باھالاش ئۆمىكى تۈنۈگۈن بېيجىڭ ۋە جاڭجياكۇ شەھەرلىرىدىكى باھالاش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. باھالاش ئۆمىكى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش كومىتېتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. باھالاش ئۆمىكىنىڭ رەئىسى رۇكوف: بۇ قېتىمقى باھالاش ۋە تەكشۈرۈشتە بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى بارلىقى تولۇق ئىسپاتلاندى، دېدى. رۇكوف خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باھالاش ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەكۈنلىدى ۋە ئۇنىڭغا باھا بەردى. باھالاش ئۆمىكى بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئىدىيەسى «2020-يىللىق ئولىمپىك قارالمىسى» بىلەن ماس كەپتۇ، دەپ تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە بېيجىڭ «2020-يىللىق ئولىمپىك قارالمىسى»نىڭ جەۋھىرى ۋە نىشانىنى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش پىلانىغا پۈتۈنلەي سىڭدۈرۈپتۇ، دېدى، بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئاۋامنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ماختىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر