باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2010-يىلىدىن بۇيانقى يەمەن ۋەزىيىتىگە نەزەر

2015.03.31 17:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر تۆنۈگۈن يەمەننىڭ پايتەختى سانا ۋە جەنۇبىدىكى تايىز ئۆلكىسىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىدى، شىيە مەزھىپى قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتى كونترول قىلغان بىر قانچە ھەربى نىشانلار گۇمران قىلىندى.

  2011-يىلىدىن باشلاپ غەربىي ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا ئېغىر سىياسىي تەۋرىنىش يۈز بەرگەندىن بۇيان، يەمەن چوڭقۇر خەتەرگە يولۇقۇپ داۋاملىق داۋالغۇش بولدى.

  2011-يىلى يانۋارنىڭ ئوتتۇرىلىدىن بۇيان، يەمەندە كەڭ كۆلەمدە نامايىش بولۇپ، شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭ سالىختىن تەختتىن چۈشۈش تەلەپ قىلىندى، ئۇزاق ئۆتمەي نامايىش قانلىق توقۇنۇشقا ئۆزگەردى. ئاپرېلدا پارس قولتۇقى ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى يەمەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان ياراشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سالىخ كۆپ قېتىم كېلىشىم ئىمزالاشقا قوشۇلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنى ئىشقا ئاشۇرمىدى.

  23-مايدىن باشلاپ، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى نامايىشچىلار، ئۆكتىچى گۇرۇھ قەبىلە قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن پايتەخت سانادا كەڭ كۆلەمدە توقۇنۇشتى، نەچچە مىڭ كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. 23-نويابىر سالىخ پارس قولتۇقى ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ياراشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، ھوقۇقنى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ھادىيغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلدى. 2012-يىلى فېۋرالدا يەمەندە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ھادىي بىردىن بىر نامزات سۈپىتىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. 27-فېۋرال سالىخ ھوقۇقنى رەسمىي ھادىيغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  ھادىي تەختكە چىققاندىن كېيىن، سۈنيى مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان ئىسلاھات گۇرۇھى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمىغا ئايلاندى، شىيەھ مەزھىپى قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرى سابىق زۇڭتۇڭ سالىخنى قوللىغۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ، ئىسلاھاتنى قوللىغۇچىلار گۇرۇھىدىن بولغان سۈنيى مەزھىپى بىلەن قۇراللىق توقۇنۇشتى. يەمەننىڭ ئىچكى قىسىمدىكى قۇراللىق گۇرۇھلار، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولغانلىقتىن 2012-يىلى 18-سېنتەبىر ئاياغلاشماقچى بولغان يارىشىش سۆزلىشىشى كۆپ قېتىم كېچىكتۈرۈلدى.

  2013-يىلى مارتتا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت مەملىكەتلىك يارىشىش سۆزلىشىشى ئۆتكۈزدى ھەمدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. يارىشىش سۆزلىشىشنىڭ مۇددىتى ئەسلىدە يېرىم يىل ئىدى، ئەمما ھەر قايسى گۇرۇھلار 2014-يىلى يانۋارغا كەلگەندە ئاندىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، يەمەن ھۆكۈمىتى بىرلىك تۈزۈمدىن بىرلەشمە تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلدى، دۆلەت ئالتە قوشما شتاتتىن تەركىب تاپتى. ئەمما قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتى يەمەننى جەنۇب ۋە شىمال دەپ ئىككى قوشما شتاتقا ئايرىدى ھەمدە شىمالىي قىسىمدىكى قوشما شتاتقا كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى. قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرى بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت بىلەن يەنە بىر قېتىم قۇراللىق توقۇنۇشتى.

  30-ئىيۇل، يەمەن ھۆكۈمىتى يېقىلغۇ ماي تولۇقلىمىسىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ نېفىت ۋە دېزىلىن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئامما بۇنىڭدىن كۈچلۈك نارازى بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزدى. قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتى پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى چىرىكلىشىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى. كابىنتنى تارقىتىپ، ئالىملاردىن تەركىب تاپقان مۇتەخەسسلەر تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  2014-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، بۇ تەشكىلات سانادىكى شەھەر چېتىدە نەچچە مىڭ قۇراللىق خادىمنى يىغىپ، قۇرال كۈچى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى مۇرەسسەلىشىشكە مەجبۇرلىدى. سېنتەبىردە قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتى قۇرال كۈچى ئىشلىتىپ، سانانى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالدى، كەينىدىن ئېچىلغان كابىتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، ئارمىيە ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەردە يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۈركىلىش تۈگىمىدى.

  2015-يىلى يانۋاردا، قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتى بىلەن يەمەن زۇڭتۇڭى مۇھاپىزەت قىسمى توقۇنۇشتى ھەمدە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى، ئارقىدىن زۇڭتۇڭ ھادىي بىلەن زۇڭلى باھانى نەزەربەنت قىلدى. 6-فېۋرال، قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتى زۇڭتۇڭ ۋە پارلامنېتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئورنىغا زۇڭتۇڭ كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمما بۇ يەمەندىكى ئاساسلىق پارتىيىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. 21-فېۋرال ھادىي سانادىن قېچىپ، جەنۇبىي قىسىمدىكى مۇھىم بازار ئادەنگە باردى ھەمدە ئادەندە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  24-مارت قۇسەي قۇراللىق تەشكىلاتى يەمەننىڭ جەنۇبىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ھادىينى قوللىغۇچى قەبىلە قۇراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى، قەبىلە قۇراللىق كۈچلىرى مەغلۇپ بولدى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسىم ئەسكەرلىرى قۇراللىرىنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى، ھادىي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرى ئەسىرگە چۈشتى. ئادەن خەۋپتە قالغانلىقىنى مەلۈم قىلدى. 25-مارت يەمەن ھۆكۈمىتى ئەرەپ ئەللىرىنىڭ يەمەنگە جىدىي ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئارىلىشىشىنى مۇراجئەت قىلدى. 26-مارت سەھەردە سەئۇدى ئەرەبىستانى باشلامچى بولۇپ يەمەن تەۋەسىدىكى قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرى كونتروللىقىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر