باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلارغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتتى

2015.03.31 17:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 30-مارت ئۇرۇش توختىتىش بۇيرۇقى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار «باڭسا مولو ئىسلام ئەركىنلىك جەڭچىسى»گە قاراتقان ھۇجۇمىنى توختاتتى. ئىككى تەرەپ 29-مارت جەنۇبتىكى ماگۇئىنداناۋ ئۆلكىسىنىڭ نۇرغۇن يېرىدە ئېتىشتى، ئېتىشىشتا ئاز دېگەندىمۇ 16 ئادەم قازا قىلدى، 15 ئادەم يارىلاندى.

  «باڭسا مولو ئىسلام ئەركىنلىك جەڭچىسى» 2008-يىلى فىلىپپىندىكى ئاساسلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات «مولو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى »دىن پارچىلىنىپ چىققان، «مولو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى» ئۆتكەن يىلى مارتتا فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. «باڭسا مولو ئىسلام ئەركىنلىك جەڭچىسى» بولسا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان. بۇ يىل 25-فېۋرالدىن ئېتىبارەن فىلىپپىن ئارمىيە دائىرىلىرى مىنداناۋ رايونىدا «باڭسا مولو ئىسلام ئەركىنلىك جەڭچىسى»گە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر