- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىنگاپورنىڭ دۆلەت قۇرغۇچى زۇڭلىسى لى گۇاڭياۋغا دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2015.03.31 17:50 مەنبە: خەلق تورى
سىنگاپورنىڭ دۆلەت قۇرغۇچى زۇڭلىسى لى گۇاڭياۋنىڭ دۆلەت دەپنە مۇراسىمى 29-مارت سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
سائەت 12 يېرىمدا سىنگاپور دېڭىز قۇرۇقلۇق ھاۋا ئارمىيەلىرىدىن تەركىب تاپقان تاۋۇت يۆتكەش قوشۇنى لى گۇاڭياۋنىڭ تاۋۇتىنى پارلامېنت سارىيىدىن ئاستا ئاستا يۆتكەپ چىقتى. لى گۇاڭياۋنىڭ چوڭ ئوغلى، سىنگاپورنىڭ ھازىرقى زۇڭلىسى لى شىيەنلوڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نەق مەيداندا لى گۇاڭياۋنىڭ تاۋۇتىنى ئۇزۇتۇپ قويدى.
سائەت 14 دە، دۆلەت دەپنە مۇراسىمى باشلاندى، 2200دەك جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى. لى شىيەنلوڭ، سىنگاپور زۇڭتۇڭى چېن چىڭيەن، پەخرىي دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ۋۇ زودۇڭ قاتارلىق ئون ۋەكىل ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مۇراسىمدا تەزىيەنامە ئوقۇدى.
لى شيەنلوڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن چېن چىڭيەن سىنگاپور خەلقىگە ۋاكالىتەن گۈل چەمبىرەك قويدى. دۆلەت دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن، شەخسىي ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، لى گۇاڭياۋنىڭ تاۋۇتى سىنگاپور ۋەنلى جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر