باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىتانىياخۇ پارلامېنت سايلىمى نۇتۇقىدا ئىسرائىلىيەلىك ئەرەبلەردىن ئەپۇ سورىدى

2015.03.26 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 23- مارت ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى پارلامېنت سايلىمى كۈنى قىلغان تالاش تارتىش پەيدا قىلغان سۆزىدىن ئىسرائىلىيەلىك ئەرەبلەردىن ئەپۇ سورىدى. نىتانىياخۇ 17-مارتتىكى پارلامېنت سايلىمى كۈنى ئۆزىنىڭ ئوڭچىل قوللىغۇچىلىرى ئاۋاز بەرگەندە ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپكە يولۇققانلىقىنى، چۈنكى ئەرەبلەرنىڭ توپلىشىپ ئاۋاز بېرىش پونكىتىگە بىلەت تاشلاشقا ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، سولچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاپتوبۇس بىلەن ئەرەبلەرنى ئاۋاز بېرىش پونكىتىگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئەرەبلەرنىڭ ئاۋاز بېرىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ مەبلەغ چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭدىن مەقسەت ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئوڭچىلار ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەرەب پارتىيەسى ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئودا 23- مارت كەچتە، نىتانىياخۇنىڭ ئەپۇ سورىشىدا سەمىمىيەتنىڭ كەمچىل بولغانلىقىنى، نىتانىياخۇ ئەرەب قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە بۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر