باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەر قايسى تەرەپلەر دىققەت قىلىدىغان مۇھىم تېمىغا ئايلاندى

2015.01.12 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەر قايسى تەرەپلەر دىققەت قىلىدىغان مۇھىم تېمىغا ئايلاندى. شۇڭا رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئۇكرائىنا يېقىندا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۇچرىشىشىنى بېكىتتى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 9- يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 12-يانۋار گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇچراشماقچى بولغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى شۇ كۈنى تېلېفۇنلىشىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن، ھەمدە ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مىنىسكى كېلىشىمىنى يولغا قويۇشنى تەكىتلىگەن. بۇ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يەنە 12-يانۋار بېرلىندا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇچرىشىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پورشىنكو ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، بۇ يىل 15-يانۋار قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە ئۇكرائىنا، رۇسىيە ، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن بىلەن يالغۇز ئۇچرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  خەلقئارا تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ئەگەر ئۇكرائىنا، رۇسىيە ، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 12- يانۋار ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشىدا مەلۇم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىدىغان بولسا، بۇ تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى 15- يانۋار ئاستانىدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇچرىشىشى مۇمكىنكەن. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە بۇ تۆت دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 15- يانۋار ئاستانىدە ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسى ھازىرغىچە بۇ ئىش توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلمىغان.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، 1 مىليوندىن كۆپرەك كىشى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 610 مىڭ كىشى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئۇكرائىنادا قېپقالغان. 590 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتكەن.

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 8- يانۋار، ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى ئەسلىگە كېلىشتىن ئىلگىرى، موسكۋاغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مېركېل مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: گەرچە ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا مېنىسكىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق كېلىشىمنىڭ كۆپلىگەن مەزمۇنلىرى ئىجرا قىلىنمىدى. ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز بولدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇكرائىناغا بېرىدىغان ياردەمگە يەنە 1 مىليارد 800 مىليون ياۋرو قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئۇندىن باشقا، ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ياسەينىك 8- يانۋار گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىنىڭ خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ۋەقەسى توغرىسىدا رۇسىيە ئاخبارات ئورگىنىنى ئەيىبلىگەن. بۇندىن ئىلگىرى، رۇسىيەگە سادىق بىر تەشكىلات يۇقىرىقى ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياسەينىك بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەگە سادىق خاككېرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: مەن رۇسىيە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلىنى سەرپ قىلىپ، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتى بىلەن زۇڭلى ئىشخانىسىغا تور ئارقىلىق ھۇجۇم قىلماسلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك تەكلىپ بېرىمەن. مېركېلنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: گېرمانىيە دائىرىلىرى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، بىراق ھۇجۇمنى توسۇپ قالالمىدى. خاككىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئالاقىدار تور بېكەتلىرى 7-يانۋار شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن باشلاپ كەچكىچە توختاپ قالغان.

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىتەيىنمىل تېلېفۇلاشقان ھەمدە ئورتاق مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك ، ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي كىرىزىسىنى ھەل قىلغاندىلا ئۇكرائىنا ئىجابىي تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ رۇسىيە ، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ بېرلىندا 15- يانۋار ئىلىپ بېرىلىدىغان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ يەكۈنلەش خاراكتېرىدىكى سۆھبىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئىلىپ بارغان.

  2014-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئەل ئارا قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغان، 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۇچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئەل ئارا قوراللىق كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى بىلەن ئەسلەتمە ئىمزالاپ، 30 كىلومېتىر ئارىلىقتا تىنچلىق رايونى قۇرغان. توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ئەسلەتمە ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشمىگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى قوراللىق توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 4 مىڭ 707 كىشى قازا قىلغان، 10 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يارىلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر