باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شاۋكەت ئىمىن بىر قىسىم دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.01.13 16:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن 6 - يانۋار ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  سۆھبەتتە سەككىز دىنىي زات سۆز قىلدى، كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمىز، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىنىي ئەقىدىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇن يولدا ماڭىمىز.

  شاۋكەت ئىمىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇنغا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››تە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى››نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى؛ جەمئىيەت ئۈچۈن، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ھالقىلىق پەيتلەردە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىشى، ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىنى تەشەببۇس قىلىشى، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ ئەسەبىيلىكنى چەكلىشى؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىشقا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قاتنىشىش جەريانىدا رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن جېنشەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر