باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق بىرلىشىپ دېلودىكى مەبلەغنى تەكشۈرۈپ توڭلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ

2015.01.13 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېلېفون ئالدامچىلىقى، تور ئالدامچىلىقى، ئوغۇرلۇقچە بانكا كارتىسى سۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەر باش كۆتۈرۈپ قالدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاقىتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئالاقىدار ئاپپاراتلار تېزدىن تەكشۈرۈپ، دېلودىكى مەبلەغنى توڭلىتىش توڭلىتالماسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلاندى، شۇڭا بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا« بانكا كەسپى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ تەكشۈرۈش، توڭلىتىش خىزمىتى ھەققىدىكى بەلگىلىمى»نى بىرلىشىپ تارقاتتى، بەلگىلىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رەسمىيەتلىرى تولۇق بولغان دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغگە قارىتا بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دەرھال توڭلىتىش رەسمىيىتى ئۆتۈشى، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات بىرقەدەر كۆپ، مەركەزلىك توڭلىتىشقا كېرەكلىرىگە، بانكىلار 24 سائەت ئىچىدە توڭلىتىش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك، شېنجېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۇچۇر ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن ئۈچ مىنوت دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغنى توڭلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى، ئۇچۇر ئالدامچىلىقىغا ئۇچراپ ئۈچ مىنوت ئىچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش، توڭلىتىش، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغنى توختىتىشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ توختىتىلغاندىن كېيىن يەنە ئەسلى يولىغا قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر