باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە كىچىك مىكرو كارخانىلار ياخشى تەرەققىي قىلماقتا

2015.01.13 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە ئېلىمىزدە پەن تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار ئومۇمى سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە %65 كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولدى، تەخمىنەن %80 يېڭى مەھسۇلات ياراتتى، كۆپ خىللاشقان يۆلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈرۈتكىسىدە زور بىر تۈركۈم ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلار پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈشتىكى يېڭى ھاياتى كۈچكە ئايلاندى.

  لۇ چېڭ تېخى بىرقانچە ئاي بۇرۇن ئەنگىلىيە لىۋېرپۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ياش، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە قۇرغان ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى ئىلگىرى مەكتەپتە تېز كېڭەيگەن ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ يېڭى ئىجادىيىتى ــ ئادەم ۋە ماشىنا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن مەشغۇلات، ئۇ ئويلىمىغان يەردىن بىر قېتىملىق ئىگىلىك يارىتىش پائالىيىتىدە ئۇ بىر مىنوت ئىجادىي تەپەككۇرىنى بايان قىلىپلا خېيىم خەتەرگە مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتىنىڭ نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغىغە ئىگە بولدى.

  لۇ چېڭغا ئوخشاش زور بىر تۈركۈم غايىلىك ياشلار ھە دەپ پەن تېخنىكىدا يېڭلىق يارىتىش قاينىمىغا چۆكتى، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە پەن تېخنىكا تىپىدىكى تەخمىنەن 77 مىڭ كىچىك مىكرو كارخانا پۈتۈن مەملىكەتتە يەنە 1500 دىن ئارتۇق پەن تېخنىكا نەتىجىسىنى يېتىلدۈردى، يېڭلىق ياراتقان تۈرىمۇ كۆپەيدى، بۇ مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا 2012-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغان مەبلەغگە ئېرىشكەن يېڭلىق يارىتىش تۈرى 10 ھەسسە ئاشقان بولۇپ، سوممىسى ئىككى ھەسسىگە يېقىن قاتلانغان.

  2014-يىلغىىچە دۆلەت پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش فوندىدا مەركەز مالىيەىسدىن ئاجىرىتىلغان مەبلەغ تەخمىنەن 32 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە، قوللىغان تۈرلۈك تۈرلەر 50 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپ، جەمئىيەتتە تەخمىنەن 200 مىليارد يۈەن دەسمايىنىڭ سېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرغان، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېلىمىزدە بىر ياخشى ئېكولوگىيە بولۇپ شەكىللەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر