باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گاز قاچىلاش پونكىتلىرىغا جەمئىيەتتىن مەبلەغ جەلپ قىلىنىدۇ

2015.01.13 16:52         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى 6- يانۋار ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەرنى شىنجاڭدىكى قىسمەن گاز قاچىلاش پونكىتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا ئاشكارا تەكلىپ قىلدى. پۇقراۋى كارخانىلارمۇ بۇنىڭغا خېرىدار بولسا بولىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش» تا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ ھەمكارلىشىش تۈرى بار رايونلار ئۈرۈمچى، تۇرپان، قومۇل، ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي، بايىنغولىن، ئاقسۇ، بورتالا، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىكەن. گاز قاچىلاش كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار خېرىدارلىقنى تالاشسا بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايون 2014- يىلى 10- فېۋرالدا ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچقاندىن باشلاپ، نېفىت - خىمىيە ساھەسىدە ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەركەز كارخانىلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا رويخەتكە ئالدۇرۇش ياكى يەرلىكنىڭ پېيىنى قوشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلدى.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەركەز كارخانىلىرى ئارىسىدىكى يەرلىكتە رويخەتكە ئالدۇرغان تۇنجى شىركەت بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر