باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەر ساھەدىكىلەردىن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا تەكلىپ، پىكىر ئالدى

2015.01.13 17:03         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 6 -، 7 - يانۋار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەردىن ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تەكلىپ، پىكىر ئالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇۋەققەت رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، پارتىيەسىز زاتلار، كارخانىچىلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن دېھقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، مەھەللە كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىنى بەس - بەستە بايان قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يەنە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى، ‹‹يىپەك يولى›› ئىقتىساد بەلبېغى ئۈچۈن باراۋەر، ئادىل تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش قاتارلىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا چېتىلىدىغان مەزمۇنلار توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەكلىپ، پىكىر بەردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى:

  ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) نىڭ مەزمۇنى تەپسىلىي ۋە ئېنىق، 2014 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەش ۋە خۇلاسىلەش ئوبيېكتىپ ۋە ئەتراپلىق، 2015 - يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، ياخشى بوپتۇ. مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش قاتارلىق بىر قاتار تەلەپلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.

  شۆھرەت زاكىر ھەرساھە ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ناھايىتى مۇھىم ھەم ئورۇنلۇق تەكلىپ، پىكىرلەرنى بەردى. بۇ تەكلىپ، پىكىرلەر تولۇق تەييارلىق قىلىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەيلى خىزمەت دوكلاتىنىڭ كونكېرت مەزمۇنى توغرىسىدىكى تەھلىل، پىكىر يۈرگۈزۈش بولسۇن، مەيلى كونكرېت خىزمەتكە بولغان پىكىر، تەكلىپ بولسۇن، ئۇلاردا ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسى ۋە ھەرساھە، كەسىپلەرنىڭ ئېھتىياجى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. بۇ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك دوكلات تەييارلاشتا ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كۆپچىلىكنىڭ پكىر، تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، دوكلاتنى تېخىمۇ مۇكەىممەللەشتۈرۈپ، ئۇنى مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە، شىنجاڭنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر كۆپچىلىكنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدىيە بېرىپ، ئىجابىي تەكلىپ، پىكىرلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ ۋېي، چيەن جى، ماۋكەن سېيتقامزا، تيەن ۋېن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر