باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققى تاپشۇرۇش سەۋىيەسى خەلقئارانىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىدە تۇرۇۋاتىدۇ

2015.01.13 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا بەزى تاراتقۇلاردا ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۆلەش ھەققى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتا ئىجتىمائىي ئوتتۇرۇچە مائاش كاردىنالى يىلمۇ يىل ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كارخانا ۋە شەخسنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ دېگەندەك خەۋەرلەر بېرىلدى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققى تاپشۇرۇش سەۋىيەسى ئاساسەن خەلقئارانىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقۇرى سەۋىيەسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىدىكى پەرق چوڭ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ توپلاش كۆلىمىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈش قىيىن، بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى جەھەتتە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەرلىكنىڭ ئەھۋالىغا باغلاپ مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىدۇ، بىرىنچى، قاتلاملىق بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئالايلۇق، قىسىمەن رايونلاردا ئەسلىدە %30 دىن ئاشىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۆلەش ھەققى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن %20 لىك سەۋىيەگە چۈشىرىلىدۇ، ئىككىنچى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى ئاجرىتىش نىسبىتى ئاشۇرىلىدۇ، ئۈچىنچى، ئىقتىسادى داۋالغۇشتا، باسقۇچلۇق ئاز يىغىش، يىغىشنى ئاستىلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەر قوللىنىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەر ئارقىلىق دۆلەت، ئىدارە ۋە شەخسنىڭ يۈكى ئۈنۈملۈك تەڭپۇڭلاشتۇرىلىدۇ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىجتىمائي پەنلەر ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاڭ جۈنمۇ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەپ، قاتلاملىق لايىھە ئارقىلىق كەلگۈسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە شەخسلەرگە يۈكنى تەڭ يۈكلەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر