باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگولۇق ئىككى كىشى موڭغۇلىيەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى

2015.01.14 20:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ 13-يانۋار ئىسپاتلىشىچە، جۇڭگولۇق ئىككى كىشى 11-يانۋار كەچتە موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتوردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.

  تونۇشتۇرىلىشىچە، جۇڭگولۇق ئىككى ئەر 11-يانۋار كەچتە ئۆيگە بېسىپ كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئۇچرىغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن، ھازىر تۆت جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنغان. ساقچى تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە دېلونىڭ خاراكتېرىنى مال-مۈلۈكنى كۆزلەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش، دەپ ھۆكۈم چىقارغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت موڭغۇلىيەگە بېرىپ-كېلىپ سودا قىلىدىكەن. جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ مەسىلىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، موڭغۇلىيە تەرەپتىن دېلونى تېزدىن پاش قىلىپ، قاتىلنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ موڭغۇلىيەدىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كارخانىلار، ئاپپاراتلار ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ھايات ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر