ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە 18-يانۋار ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى باشلاندى ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 45 مىڭ ساياھەتچى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى . بۇ قېتىملىق بېلىق تۇتۇش بايرىمىدىمۇ كونا قائىدە بويىچە تۇنجى توردىن چىققان 18 كىلوگىراملىق ئەڭ چوڭ بىر كارپ بېلىقى 376 مىڭ يۈەنگە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان .
ئىگىلىنىشىچە ، يېڭى يىل كىرىشى بىلەن بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ھەر خىل قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرى بەس-بەستە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ ، 15-يانۋار بىر ھەپتىلىك غەلىتە تاش كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسى باشلانغان ؛ 17-يانۋار ياۋا بېلىق ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن ؛ 18-يانۋار ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت -ساياھەت بايرىمى باشلىنىپ ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان .
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت -ساياھەت بايرىمى 20-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، بۇ مەزگىلدە ساياھەتچىلەر مۇز تېيىلىش ، قار تېيىلىش ، مۇز توپ ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقاچ، ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ گۈزەل قىش مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايدىكەن.