2014-يىلى شىنجاڭنىڭ يەرلىك پاختا مەھسۇلات ئومۇمىي مىقدارى 3 مىليون 100 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 167 مىڭ توننا ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلگەن . پاختا تېرىش كۆلىمى، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى، بىرلىك مەھسۇلات مىقدارى ۋە مەھسۇلات تەقسىملەش جەھەتتە ئۇدا 21 يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى شىنجاڭنىڭ يەرلىك پاختا تېرىش كۆلىمى 29 مىليون 670 مىڭ موغا يەتكەن.