باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەر قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى

2015.01.19 16:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەنئەتكارلار قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلارنىڭ قىلمىشىدىن نەپرەتلەندى

  مۇيەسسەر ئاباھامىت

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدىكى ئارتىسلار 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، ھوقۇق - پۇل سودىسى قىلىشتەك قىلمىشىدىن قاتتىق نەپرەتلەندى.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى مەمتىمىن مەمتىلى مۇنداق دېدى: قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ قىلمىشىدىن قاتتىق نەپرەتلەندۇق. يېقىندىن بۇيان مىللىتىمىز ئارىسىدا ھەجگە بېرىشقا قارىغۇلارچە ئىنتىلىش خاھىشى ئەۋج ئالدى. بەزى كادىرلار يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ، ھەجگە بېرىشقا بولمايدىغان كىشىلەرگە ‹‹يېشىل چىراغ›› يېقىپ بەردى. نەتىجىدە، ھەجگە بېرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ھەجگە بېرىپ كېلىۋاتقانلار كۆپىيىپ قالدى. مانا ئەمدى ھېلىقى نەپسى بالا، قارا نىيەت كادىرلىرىمىز خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىپ، ئاخىرىدا جىنايەت يولىغا ماڭدى. بۇ بىر ئاچچىق ساۋاق بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق كادىرلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان، ھەق يولدا ماڭىدىغان، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشمايدىغان دىن خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشىنى، ھەج پائالىيەتلىرىنى توغرا ئىزغا سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ‹‹نەپسى ياماننىڭ قارنى يېرىلار››

  نىجات ئىمىن

  تاراتقۇلار ئەنۋەر تۇردى قاتارلىق 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، ھوقۇق – پۇل سودىسى قىلىش قاتارلىق قانۇن - ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تارقاتقاندىن كېيىن، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەزكۇر چىرىكلىك دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاھاپجان ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەنۋەر تۇردى قاتارلىق 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلغانلىقى پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. ‹‹ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ››. چىرىكلىك، پارىخورلۇق پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى تېگىشكە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئوخشايدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار ئەمەل – مەنسەپ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولۇشى، خىزمەت تۆھپىسى قانچە زور، خىزمەت تارىخى قانچە ئۇزاق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، ھامىنى جازاسىنى تارتىدۇ. شۇڭا خىزمەتتە پاك - دىيانەتلىك بولۇشنى ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇ تىلى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەنۇبەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: 32 پارتىيەلىك كادىرغا چارە كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، دۆلەتنىڭ قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقانلىق قىلمىشىدىن ئىنتايىن غەزەپلەندىم. ‹‹نەپسى ياماننىڭ قارنى يېرىلار›› دېگەندەك، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقان، قانۇن – تۈزۈمنى ئاياغ ئاستى قىلىپ ھوقۇق - پۇل سودىسى قىلغان كىشىلەر ھامان ئۆز بېشىنى يەيدۇ. 

  ئامما پارىخورلاردىن نەپرەتلىنىدۇ، ئىستىلى دۇرۇس كادىرلارنى ھىمايە قىلىدۇ

  خالىدە ئوبۇل

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئاپتونوم رايون بۇلتۇر نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن 260نى تەشكىللەپ، 936 مېھمانساراي، مېھمانخانا، 244 سودا ساراي، تاللا بازارنى تەكشۈرۈپ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىدىن 113 نى، ‹‹دېھقانلار شادلىقى›› ئارامگاھى قاتارلىق ئورۇنلاردىن 395 نى، 7243 ئاپتوموبىلنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىشقا دائىر تالوندىن 40 مىڭدىن كۆپرەكنى بايقىغان.

  دېمەك، ئاپتونوم رايونىمىزدا چىرىكلىك قىلمىشلىرى تا ھازىرغىچە ئازايغىنى يوق. گېزىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان ئاپتونوم رايونىمىزدىن 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش داۋامىدا قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۈرئەت مەمتىمىن مۇنداق دېدى: مۇسۇلمان قېرىنداشلار ياشانغاندا ھەجگە بېرىشنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇھىم ئىش دەپ قارايدۇ. توغرا يول بىلەن بېجىرىلىدىغان بۇ ئىش ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى رەھبەرلەرنىڭ يېنىنى چىڭداش قورالىغا ئايلىنىپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنى قاقتى - سوقتى قىلىدىغان پارتىيەلىك كادىرلارغا بېرىلگەن تەنبىھ. پارتىيەلىك كادىرلار ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم توغرا ئىستىل تىكلەپ ئاممىنى كۆڭلىگە چوڭقۇر پۈكۈشى، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، ھوقۇقىنى پۇقرالاردىن پايدىلىنىدىغان قورالغا ئايلاندۇرماسلىقى كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خ خ ئىدارىسى ‹‹تاشبۇلاق›› ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇت مىجىت مۇنداق دېدى: 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ جازاغا تارتىلغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ قېتىم جازالانغانلار ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر قايسى ئىدارە - ئورۇنلاردىن ئىكەن، بۇ چوقۇم تېخى بايقالمىغان بىر قىسىم چىرىك كادىرلارنىڭ ھەيۋىسىنىمۇ يەرگە ئۇرىدۇ. ھەر مىللەت ئامما ئىستىلى دۇرۇس، ئاممىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدىغان كادىرلارنى ھىمايە قىلىدۇ.

  قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ھامان جاجىسىنى يەيدۇ

  ئىمىنجان داۋۇت

  15 - يانۋار گېزىتىمىزدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش داۋامىدا قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ زاپاس سودىيەلەرنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان 107 كۇرسانت ئارىسىدىمۇ بۇ ھەقتە بەس - مۇنازىرە ئۈزۈلمىدى.

  كۇرسانت ھەزرىتىئەلى نەسىردىن مۇنداق دېدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى مۇكەممەللىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، بەزى كادىرلارنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشى ۋە قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىشى ھەقىقەتەن جازالىنىشقا لايىق. مەن ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 32 كادىرغا بەرگەن جازاسىنى تولۇق قوللايمەن. بۇ كادىرلارنىڭ بۇرچىنى ئۇنتۇپ، قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە، قانۇنغا بولغان ئىشەنچىسىنى يەرگە ئۇرغانلىق. ئۇلارنى تېگىشلىك جازالاپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا ئىبرەت تەربىيەسى بېرىش تولىمۇ زۆرۈر.

  كۇرسانت تۇرغۇن ئوسمان مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 32 كادىرغا چارە كۆرۈلگەنلىكى بىزدەك ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان كادىرلارنىڭ دۆلەتكە، پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتتى. مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دېلو بېجىرىشكە تولۇق شارائىت ھازىرلاش ئارقىلىق قانۇن - نىزامغا، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك.

  كۇرسانت ئابدۇرازاق قادىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بىر تەرەپ قىلغان 32 كادىرنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن. بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ھامان تېگىشلىك جازاغا ئۇچرايدۇ.

  كۇرسانت ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەسىنى قانۇن بويىچە قوراللاندۇرۇپ، قانۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە بۇ جەھەتتە باشلامچى بولۇشى كېرەك. بۇ قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  ‹‹پارىخورلار، چىرىكلەشكەنلەر جاجىسىنى يەپتۇ!››

  مىلاقىز بەكرى، ئاينۇر ئابلىمىت

  گېزىتىمىزدە ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىن 32 پارتىيەلىك كادىر ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش داۋامىدا قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى›› ماۋزۇلۇق خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. ئۇلار بىردەك: ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيەلىك كادىرلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى قەتئىي قوغداپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاشتىكى ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. بۇ بىزنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىشىمىزغا يول ئېچىپ بەردى، دېيىشتى.

  شىنجاڭ ‹‹راۋان›› ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى كۈرەش ھاشىم مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بىر تەرەپ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەلىك كادىر ئىكەن، پارتىيەمىز ئۇلارنى تەربىيەلىدى، ئۇلارغا ئىشەندى، ئەمما ‹‹ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ›› دېگەندەك، ئۇلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماي ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدى، ھازىر ئۇلار تېگىشلىك جاجىسىنى يەپتۇ. ئەمەلىيەتتە بىر رەھبەر، بىر پارتىيەلىك كادىر ئۆزى ھوقۇق تۇتۇۋاتقان تەۋەلىكتىكى ئاممىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاممىنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئەمما ئۇلار ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرماستىن، ئەكسىچە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشنى قىپتۇ، ئۇلارنىڭ قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئېڭى تولىمۇ سۇس ئىكەن. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ جازالىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەر ئاممىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشۇردى. مېنىڭچە، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشىدە پارا بەرگۈچىلەرنىڭ رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. پارا ئالغۇچىلارنى جازالاش بىلەن تەڭ پارا بەرگۈچىلەرنىمۇ جازالاش كېرەك.

  شىنجاڭ ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى 32 كادىرنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ھەج - تاۋاپقا بارىدىغان مۇسۇلمان ئاممىدىن پارا يەپ ھارام پايدا ئالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈدۈم، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلىشى ئادەمنى نەپرەتلەندۈرىدۇ، بۇنداق قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەم قاتتىق چەكلەش كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹خېشۈن›› مەھەللىسىدىكى دىلبەر ھۈسەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دىن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. پارىخورلار، چىرىكلەشكەنلەر جاجىسىنى يەپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ‹‹بۇ بىزگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولدى››

  زەرىپە ئەھەد، پىراكتىكانت ئېلنارە ئېلشات

  32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ھەر ساھە كىشىلىرى بىردەك مۇنداق دېيىشتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش داۋامىدا قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق قىلمىشى بىزگە بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى. پارتىيەلىك كادىرلار بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، ئاممىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ قىلمىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە سەگەك بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانسى تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدىن سەيپىدىن قېيۇم مۇنداق دېدى: بىز بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۈدۇق، بىز دوختۇرلار چىرىكلىكتىن ئىبارەت بۇ ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە››نى ئېلىپ تاشلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، بارلىقىمىزنى ئاغرىقلارغا بېغىشلايمىز.

  ‹‹بۇ بىزگە بىر قېتىملىق ئىبرەت تەربىيەسى بولدى››

  گۈلمىرە مۇھەممەد

  15 - يانۋار شىنجاڭ گېزىتىگە بېرىلگەن ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىن 32 پارتىيەلىك كادىر ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش داۋامىدا قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى›› ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كۈچلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئىلھام ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك كادىرلار قانۇن - ئىنتىزامغا ئاڭلىق بويسۇنۇش، جان - دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىنتىزامچان، تەلەپچان بولۇشنى ئۆزىگە مىزان قىلىشى كېرەك. خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش، ھوقۇق - پۇل سودىسى قىلىشقا ئوخشاش بىر قاتار ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار جەمئىيىتىمىزدە يامان تەسىر پەيدا قىلىپلا قالماي، پارتىيەنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ياش پارتىيەلىك كادىرلارغا باشلامچى بولۇشقا تىرىشىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەمەتجان ھىدايىتۇللا مۇنداق دېدى: 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكتى، ئامما ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلدى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن غەزەپلەندىم. بۇ بىر قېتىملىق ئىبرەت تەربىيەسى بولدى. بىز بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۆز - ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، چىن دىلىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز لازىم.

  قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر

  رەناگۈل خۇدابەردى

  32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كامىلجان ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا 32 پارتىيەلىك كادىر ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش داۋامىدا قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپتۇ. دېمەك، ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ چىرىكلىككە، پارىخورلۇققا زەربە بېرىشتە يوچۇق قالماپتۇ. بىز بۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىدكە تولدۇق ھەم پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتۇق.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 38 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن مۇقەددەس پولات مۇنداق دېدى: بىزدە ‹‹يولدىن چىقما، خاندىن قورقما›› دېگەن گەپ بار، كىمىكى قانۇن – ئىنتىزامغا پىسەنت قىلمىسا، ھامان جاجىسىنى يەيدۇ.

  شەھەر ئاھالىسى زەينۇرە مۇھەممەت مۇنداق دېدى: مېنىڭچە بۇ چىرىكلىشىش ئالدىدا تۇرغان يەنە بىر قىسىم كادىرلىرىمىزغا ئىبرەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يولىنى تېپىۋېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  كادىرلار چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان مۇھىت يارىتىش كېرەك

  سادىق ئىمىر

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 32 پارتىيەلىك كادىرغا پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرگەنلىكى ھەم جىنايەتكە چېتىلىدىغانلارنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كادىرلار، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى قەتئىي قوغداپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاشتىكى ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن تىيىپجان زايىت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 32 پارتىيەلىك كادىرغا پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈپ ھەم جىنايەتكە چېتىلىدىغانلارنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى، پارتىيە ئىنتىزامى قاتتىق چەكلىمە، سىياسىي ئىنتىزام پارتىيەلىك كادىرلار جەزمەن رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك چىڭ قائىدە. بۇ چەكلىمە ۋە قائىدىنى بۇزغانلارغا پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن گۈلباھار نۇردۇن مۇنداق دېدى: 32 پارتىيەلىك كادىرنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ. ئۇلار پارتىيە نىزامنامىسى ۋە سىياسىي ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامىنى ئويۇن قاتارىدا كۆرۈپ، پارىخورلۇق ۋە قانۇنسىزلىق قىلدى. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كادىرلار چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان مۇھىت يارىتىپ، چىرىكلىشىشنىڭ يامراش يۈزلىنىشىنى قەتئىي چەكلەش زۆرۈر.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئەنۋەر ھۈسەن مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خىزمەت قولايلىقى ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ نەپ ئېلىش قىلمىشى پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ. ئۇلارغا خىزمەت ھوقۇقى پارتىيەگە، دۆلەتكە، جەمئىيەتكە، خەلققە خىزمەت قىلىشقا، پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا بېرىلگەن. ئەمما، بەزى كادىرلار ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىناۋىتىگە نۇقسان يەتكۈزدى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالدى. ئۇلار پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى بويىچە تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشقا ھەقلىق. ھوقۇق مەركەزلەشكەن تارماق ۋە كادىرلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەريانىنى ئاشكارىلاپ، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى چەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر