خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 -يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «جۇڭگو پاكىستان دوستلۇق يولى» قاراقۇرۇم تاشيولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ھازىر ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يول ئۇزاق يىلدىن بۇيان رېمونت قىلىنمىغانلىقتىن، جۇڭگو پاكىستان ئىككى دۆلەت قاراقۇرۇم تاشيولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى قارار قىلدى. جۇڭگو يول – كۆرۈك قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈستىگە ئالغان قاراقۇرۇم تاشيولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى 2008-يىلى 2- ئايدا، رەسمىي باشلاندى. توسما كۆل بۆلىكىدىن باشقا، كۆپ قىسىمى 2013-يىلى 10- ئايدا ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلۇپ بېرىلدى. 2010-يىلىنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش چوڭ ھەجىملىك توسما كۆلنى شەكىللەندۈردى، جۇڭگو يول- كۆرۈك شىركىتى ئېلىپ بارغان توسما كۆل لىنىيە ئۆزگەرتىش تۈرىدىكى تونىل ھازىر پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھازىر تونىل ئاساسى گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، پىلاندا 2015 –يىلى 9 –ئايدا قۇرۇلۇش تاماملىنىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈلمەكچى. ۋاقتى كەلگەندە، يول پۈتۈنلەي ئېچىۋىتىلسە، ئاپتوموبىل بىلەن جۇڭگو پاكىستان چېگرا ئېغىزى قونجىراپ ئېغىزىدىن پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بازار جېرجىتقا بېرىش ۋاقتى ئاران 5 سائەت بولىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى