باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى ئىسچوتى قەستكارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2015.01.14 20:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىنىڭ تۋىتتېر ۋە Youtube ئىسچوتى 12-يانۋار چۈشلەردە قەستكارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

  قەستكار ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى تۋىتتېر ئىسچوتىنىڭ باش سۈرىتىنى «ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ يۈزىنى ئورىۋالغان قوراللىق كىشىنىڭ باش سۈرىتىگە، ئىسچوت نامىنى «تور كاتتىۋېشى»غا ئۆزگەرتكەن. «تور كاتتىۋېشى» توردىكى «غازات» ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئېيتىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى يېزىلغان رەسىملەرنى ئېلان قىلغان ۋە «ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، بىز كەلدۇق. پەخەس بولۇڭلار» دەپ تەھدىت سالغان.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ تۋىتتېر ئىسچوتىنىڭ 30 مىنۇت ئەتراپىدا قەستكارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ جەڭ ھەربىي تورى ۋە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھەرىكىتى تەسىرگە ئۇچرىمىدى، مەخپىي ئۇچۇرلارمۇ ئاشكارىلانمىدى. مۇخبىر ئىككى ئىسچوتنىڭ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر