باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ناپولىتانو خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى

2015.01.15 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىتالىيە تارىخىدىكى بىردىنبىر ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن زۇڭتۇڭ، 89 ياشلىق گېئورگىي ناپولىتانو 14-يانۋار زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئىستېپا بېرىش خېتى ئىمزالاپ، 2-ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇردى.

  ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تەرتىپ بويىچە زۇڭتۇڭنىڭ باش كاتىپى ئىستېپا خېتىنى ئىككى پالاتا باشلىقى بىلەن زۇڭلى ماتتېئو رېنزىغا تاپشۇرۇپ بەرسە ئاندىن كۈچكە ئىگە بولدىكەن.

  ئىتالىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ناپولىتانو ئىستېپا بەرگەندىن كېيىنكى 15 كۈننىڭ ئىچىدە پارلامېنت يېڭى زۇڭتۇڭ سايلايدۇ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى لاۋرا بولدرىنى سايلام ۋاقتىنى ئېلان قىلىدۇ، يېڭى زۇڭتۇڭ سايلاشتىن بۇرۇن كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېترو گراسسو زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر