باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى: ئۇسسۇل بىلەن چوڭ بولدۇق

2015.01.15 17:15   مەنبە: خەلق تورى

ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى: ئۇسسۇل بىلەن چوڭ بولدۇق

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى (ئالىم) ئوقۇغۇچىلار ئۇسسۇل كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مەشىق ئۆيىدە مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۇسسۇلىنى كۆرسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى پەقەت شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆگىنىشتىن سىرت مەشىق قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار دەپ ئويلىمايسىز، ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

  10-يانۋار بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتىپىگە كەلسەك. شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل كۆرىكى پائالىيىتىگە ئۈلگۈرۈپ كەپتىمىز. سەھنىدىكى ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھەرىكىتى شۇنچىلىك نەپىس، ئۇسسۇل كىيىملىرى بەكمۇ ياراشقان، ئۇسسۇل سەۋىيەسى كەسپىي ئۇسسۇل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيەسىدىن پەرقلەنمەيتتى. ئۆگىنىش بېسىمى يۇقىرى بولغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى قانداق قىلىپ بۇنداق يۇقىرى بولغان ئۇسسۇل سەۋىيەسىگە يېتەلىگەنلىكى بىزنىڭ قىزىقىشىمىزنى قوزغىدى.

  بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەخلاق-تەربىيە مۇدىرى لى جىياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىزدە 2006-يىلى شىنجاڭ سىنىپى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە شىنجاڭ مىللىي مۇزىكا ئۆمىكى قۇرۇلدى. بۈگۈن شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. ئوقۇغۇچىلار يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن كۈن ھەمدە باشقا كۈنلىرى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى بىر سائەت ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۇسسۇل مەشقى قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ. ئۇسسۇل ئۆمىكى بۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاستىلىك رول ئوينايدۇ».

  ئېگىلىنىشىچە، چاڭپىڭ 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنى پەقەتلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقتىنى بېيىتىدىغان پائالىيەت دەپ قارىماي، بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا سەنئەتنى ھېس قىلدۇردىغان، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلاندۇرىدىغان مۇھىم شەكىل قىلىپ، ئۇسسۇل مەشىقخانىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدى، مەخسۇس ئۇسسۇل كىيىملىرى ۋە سازلىرىنى سېتىۋېلىپ ياكى ئىجارىگە ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كەسپىي مەشقلەندۈردى. بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىدىن لى تىڭ مۇئەللىم ئويۇننى كۆرگەندىن كېيىن، مۇنۇلارنى دېدى: «ئۇلارنىڭ ئۇسسۇلىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل سەۋىيەسىنىڭ بۇنچە تېز ئۆسكەنلىكىگە ھەيران قالدىم. چۈنكى ئۇلار ئادەتتە ناھايىتى ئېغىر بولغان ئۆگىنىش بېسىمى ئىچىدە تۇرۇپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مەشىق قىلىش ئارقىلىق بۇ سەۋىيەگە يەتكەنلىكى ئۇلارنىڭ تۇغما ئۇسسۇل تالانتى ۋە قىزغىنلىقىنى نامايان قىلدى».

  غۇلجىدىن كەلگەن قازاق ئوقۇغۇچى شاتىق مۇخبىرغا: «مەكتەپنىڭ شىنجاڭ ئۇسسۇل ئۆمىكىگە قاتناشقاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن دوستلىرىم بار بولدى. بىز دائىم بىللە ئۇسسۇل مەشىق قىلىپ، ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرىمىز، بارغانچە ئىناق بولۇپ كەتتۇق، مەكتەپكە رەھمەت. ئۇسسۇل ئۆگىنىش جەريانىدا ئوخشىمىغان جايلاردىن، ھەر خىل مەدەنىيەت مۇھىتىدىن كەلگەن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، كۆزىمىز ئېچىلدى، ئەتىدىن كەچكىچە ئۆگىنىشلا قىلغاندىن بەكرەك ياخشى بولىدىكەن. كۆپچىلىك ئۇسسۇل مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلدى دېدى.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسسۇل يېتەكچىسى، ياش ئارتېس غاپپارجاننىڭ قارىشىچە، مەكتەپتە مۇۋاپىق بولغان دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋە تۇرمۇش مەشقى تولىمۇ مۇھىم ئىكەن. ئۇسسۇل ئۆمىكى ھەر ھەپتە ئاخىرىدىكى مەشىقتە يالغۇز ئۇسسۇل مەشىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە كىيىم-كېچەكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ كېيىش، گىرىم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىدۇ، گۇرۇپپا روھى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تىكلەشتە دەرستىن سىرتقى كوللېكتىپ پائالىيەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان رولى ۋە ئەھمىيىتى بار. ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل مۇئەللىمى بولغان كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىدىكەن.

  زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان ئۇسسۇل ئۆمىكى ئەزالىرى ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ناھايىتى خوشال ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، ئۇسسۇلنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭ قىلغانلىقىنى ھەمدە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم تاللىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەنتەربىيە كەسپىدىن ئېلىنىدىغان سىناق…
      ·سايلام غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئەردوئان نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
      ·شىنجاڭدىكى 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر…
      ·تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى
      ·قوش تىل مائارىپى ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نەپ يەتكۈزدى
      ·مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى نەدە؟
      ·ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان تاجىكىستان شاخرىنا تىرانسف…
      ·قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى
      ·كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن