باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزۇ ئاتىسى ۋە بوۋىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، ئۇلارغا ھوقۇق تۇتۇش جەريانىدىكى نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلدى

2015.01.13 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ 11-يانۋار شىزىئوكا ناھىيەسىدىكى فۇجى قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، بوۋىسى نوبوسوكى ۋە ئاتىسى ئابى جىنتەيلاڭنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ھوقۇق تۇتۇش جەريانىدىكى نەتىجىلىرى ۋە بېلەت تاشلاشتىن كېيىن 97-قېتىملىق باش ۋەزىر بولۇپ سايلانغانلىقىنى، ھەمدە 3-قېتىم ئىچكى كابېنت قۇرغان ئەھۋالنى دوكلات قىلغان.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابې شىنزۇ قەبرە يوقلاپ بولغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: مەن قەبرە ئالدىدا قەسەم قىلىپ 2015-يىلى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، 2015-يىلىنى ئۇرۇشتىن 70 يىل كېيىنكى ئەھمىيەتلىك بىر يىل قىلىشقا تىرىشىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئابې شىنزۇنىڭ بوۋىسى نوبوسوكى گەرچە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى بولسىمۇ، بىراق ئۇرۇشتىن كېيىن قۇرۇلغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئۇ 1957-يىلى ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ سايلانغان. 1960-يىلى نوبوسوكى خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي، ئامېرىكىدا «ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئامېرىكا-ياپونىيە ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىغا ئاساس سالغان. نوبوسوكى 1987-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابې شىنزۇنىڭ ئاتىسى ئابى جىنتەيلاڭمۇ ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان ، جامائەتچىلىكنىڭ ئېيتىشىچە ئابې شىنزۇ جەمەتىدىكى 3-ئەۋلاد سىياسەتۋاز بولۇش سۈپىتى بىلەن، بوۋىسىنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئۈلگىسى قىلىپ، بوۋىسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەتىجىلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر