باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دورىشۇناس نەق مەيداندا بولمىسىمۇ توردىن رېتسىپنى كۆرەلەيدۇ

2015.01.13 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «دۆلەت دورا بىخەتەرلىكى 12-بەش يىللىق پىلانى»دا مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: 2015-يىلى پارچە دورا سېتىش دۇكانلىرى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ دورىخانىلىرىدا تىجارەت ۋاقىتىدا كەسپىي دورىشۇناس نەق مەيداندا تۇرۇپ مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىلىدۇ، ئەمما نۆۋەتتە دورىشۇناسلار كەمچىل بولۇش ئومۇميۈلۈك ھادىسە بولغاچقا جياڭسۇ ئۆلكىسى بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 29 پارچە دورا سېتىش دۇكىنىدا سىناق تەرىقىسىدە يىراق مۇساپىدىن يېتەكچىلىك قىلش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، يەنى دورىشۇناس نەق مەيداندا بولمىسىمۇ توردىن رېتسىپنى كۆرەلەيدۇ.

  نۆۋەتتە نەنجىڭ شەھىرىدىكى 1678 دورىخانا ئىچىدە پەقەت 3دىن ئىككىسىلا كەسپى دورىشۇناسلارنى ھازر قىلالىدى، يەنە 500 نەچچە دوىشۇناس كەم، نۇرغۇن زەنجىرسىمان دورىخانىلار كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى بولسىمۇ ئەمما دورىشۇناسلارنى تېپىشى قىيىنغا چۈشتى، سالاھىيەت كېنىشكىسى ئېلىش قىيىن بولۇش، نۇرغۇن يول ۋە يۆتكىلىشچان بولۇش دورىشۇناسلارنىڭ كەمچىل بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بۇ ئەھۋالغا قارىتا جياڭسۇ ئۆلكىسى يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى بۇ يىلدىن باشلاپ 29 دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان كارخانىسىدا كەسپى دورىشۇناسلار يىراق مۇساپىدىن مۇلازىمەت قىلىشنى سىناق قىلدى، بۇ پۇقرالارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى، دورا سېتىۋېلىشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپلا قالماي، يەنە بايلىقىنى ئۈنۈملۈك تەسىملەش، كەسپى دورىشۇناسلار كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولدى.

  يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كارتا سېرىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش، رېتسىپ ئېلېكتىرو ئارخىپىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يىراق مۇساپىلىق كەسپى دورىشۇناسلارنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىشتىكى يېتەرسىزلىكلىرى نازارەت قىلىنىدۇ، خاتا دورا بېرىش قاتارلىق داۋالاش ۋەقەسى كۆرۈلگەن ھامان دورىخانىدىن سىرت كەسپى دورىشۇناسلارمۇ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر