باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 213 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ مەھەللىلەرنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

2015.01.13 17:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك يېزىسى پاسۇڭ كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ياسىن ئىمام 6-يانۋار مۇخبىرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز كەنتىمىزگە 3 مىليون يۈەنگە يېقىن ياردەم قىلىپ، مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ بەرگەن ئىدى، ھازىر كەنتىمىزدە ئىش بېجىرىش ناھايىتى قولايلىق بولۇپ كەتتى!››.

  2014-يىلى ئاپتونوم رايون مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پۈتۈن بىر يىلدا 213 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، 1146 مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە 400 كىۋادرات مېتىردىن ئاشقان مۇلازىمەت سورۇنى % 89.3 نى ئىگىلىدى، ھەر قايسى جايلاردا قۇرۇلغان مەھەللە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۇنېۋىرسال ئۇچۇر سۇپىسى شىمالىي شىنجاڭدا %40 تىن ئارتۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدا %10 تىن ئارتۇققا يەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مو جۈەن مۇنداق بىلدۈردى، مەھەللە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل خەلق ئىشلىرى نازارىتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سېلىنمىسىنى ئاكتىپ قولغا كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەھەللىلەرنىڭ ‹‹بىر پونكىت، تۆت ئىشخانا›› (مەھەللە مۇلازىمەت پونكىتى، مەھەللە ئىشخانىسى، داۋالاش ئىشخانىسى، ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى، پائالىيەت ئۆيى) قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق ئىشلىرى نازارىتى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بار بولغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەھەللىلەرگە كىرىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، مەھەللىلەردە كۆپ خىللاشقان ئائىلە باشقۇرۇش، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ھەقلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر