خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13 -يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:12-يانۋار،يەنجياۋدىن بېيجىڭغا تۇنجى دىنامىكىلىق پويىز قاتناپ، يەنجياۋ ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىدا يەنە بىر يېڭى تاللاشنى تەمىنلىدى. جۇڭگو ياشلار تورىنىڭ مۇخبىرى جاڭ يەنلياڭ فوتوسى12-يانۋار سەھەر سائەت 6دىن 46مىنۇت ئۆتكەندە، يەنجياۋدىن بېيجىڭغا ماڭىدىغان تۇنجى قېتىملىق D9022 نۆۋەتلىك دىنامىكىلىق پويىز يەنجياۋدىن يولغا چىقىپ، سائەت 7دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە، پويىز دەل ۋاقتىدا بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. پۈتۈن مۇساپىگە 30 مىنۇت كەتتى. جۇڭگو ياشلار تورىنىڭ مۇخبىرى بۇ قېتىملىق دىنامىكىلىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، يەنجياۋ-بېيجىڭ بۆلىكىدىكى بۇ ئەھمىيەتلىك سەپەرنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى