خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- يانۋار، دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن كەلگەن 2مىليۇندەك مۇسۇلمان بېنگالنىڭ پايتەختى داككاغا يىغىلىپ، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلدىغان مۇسۇلمانلار تەبلىغ يىغىلىشىغا قاتناشتى.
مىليۇنلىغان كىشلەر ئۈچ كۈن يىغىلىش ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن، مەسلەن، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا، ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى ئەللىرى، ھەمدە بارلىق غەرب دۆلەتلىرى،مەسلەن، شەرقى ياۋرۇپا، روسىيەۋە ياۋرو-ئامېرىكا،مىللەت ئۇرۇق ،ئېرق ئايرىماي،كەلگەن مۇسۇلمان قېرىنداش ھەمشىرىلەر.
بۇ مۇسۇلمان تەبلىغ يىغىلىشى 1996 -يىلىدىن باشلانغان، باشتا قوشنا بىر قانچە دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار ساياھەتچىلەرنىڭ يىللىق يىغىلىشى بۇلۇپ، يىغىلىپ بىرلىكتە دىننىڭ مەنىسى، ئۇسۇلى قاتارلىق تەجىرىبە ئالماشتۇرۇلغان.بۇ پائالىيەت يىلسېرى چوڭىيىپ، كىچىك ھېندىستان قۇرۇقلۇقىدىن تارقىلىپ غەربى ئاسىيا ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا،يەنە تارقىلىپ ياۋرۇپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگىچە تەسەر كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ساياھەتچىنى بېنگالدىكى يىلدا ئۆتكۈزىلدىغان دۇنيا تەبلىغ يىغىلىشىغا جەلپ قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى