باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوغرىلىقچە بانكا كارتىسى سۈرۈش جىنايىتىنى تەكشۈرۈشتە ۋاقتىدا ھېساباتنى توڭلاتقىلى بولىدۇ

2015.01.13 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىسىتىرلىقى يېقىندا « بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش، توڭلىتىش خىزمىتىگە ماسلىشىشى ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى بىرىلىشىپ چىقىرىپ، رايون ھالقىپ تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش، زور كۆلەملىك مەركەزلىك تەكشۈرۈش، بانكىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش قاتارلىق يېڭى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغنى تەكشۈرۈپ كونترول قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئىگەللىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېلېفون ئالدامچىلىقى، تور ئالدامچىلىقى، بانكا كارتىسىنى ئوغۇرلۇقچە سۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەر باش كۆتۈرۈپ قالغان، ئەگەر جىنايەتچى باشقا جاينىڭ تېلوفون كارتىسى، بانكا كارتا ھېسابات نومۇرى بىلەن دېلو سادىر قىلسا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ساقچى تەرەپنىڭ ۋاقىتىدا جىنايەتچى ئۇنسۇرنىڭ ھېساباتىنى توڭلىتىشى قىيىنغا چۈشدىكەن.

  بەلگىلىمە بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكشۈرۈش ھوقۇقى چېكىدىن ئارتىپ ياكى رايون ھالقىپ تەكشۈرۈش ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە قارىتا شارائىتى بار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاپپارات ياكى سىستېما ئىچىدە باشقا تارماق ئاپپاراتىغا تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدىكەن ياكى ئىچكى قىسىمدىكى تەرتىپ بويىچە تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  بەلگىلىمىدە شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۇل مۇئاملە ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش، مۈلكىنى توڭلىتىش ھەققىدىكى قانۇنىي ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلىشى، تەكشۈرۈلگۈچى، مۈلكى توڭلىتىلغۇچى ئورۇن، شەخس ياكى ئۈچىنچى بىر تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويماسلىقى، مۈلۈكنى يوشۇرۇش ۋە باشقا جايغا يۆتكەشكە ياردەم بېرىشى كېرەك، بەلگىلىمە بۇ يىل 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر