باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك دوكتۇر-ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

2015.01.14 10:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇتاش قەلب خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇللا ئابدۇقادىر ئۇدۇن ئوغلى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرىستىتىنىڭ ئاسپىرانتى زۇلخۇمار ئەزىمەت زۇلئاي، ئۈرۈمچى چۈش كارتون مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەخمۇتجان تۇردىنىياز چۈش قاتارلىقلارنىڭ بىرلىكتە پىلانلاپ تەشكىللىشى، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياش تەتقىقاتچىسى ھەبىبۇللا تۇرسۇن ئۇيغار قاتارلىقلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى دوكتۇر ئۇستازلارنىڭ، مىللى كارخانىچىلارنىڭ ، ئاخبارات ساھەسدىكى دوستلارنىڭ ئاسپىرانىت دەۋىرداشلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك دوكتۇر-ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ پائالىيەتكە پىشقەدەم مائارىپچى، ئىنتىل كەسپى تىخنىكا تەربىيلەش مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى لىتىپ مۇئەللىم ، ئىقتىساد سودا پەنلىرى دوكتۇرى مۇھەممەت ياسىن مۇئەللىم، تەڭرىتاغ ئالىمى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئىلىكتىرۇنلۇق سودا پەنلىرى دوكتۇرى ئابدۇراخمان ئابدۇغىنى مۇئەللىم ، ئاسپىرانىت قىزلار ئۆزتۈرۈك مۇكاپاتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ، ئۆزتۈرۈك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش دىرىكتۇرى تاھىر ئىمىن مۇئەللىم شىنجاڭ كەسپى ئۇنۋىرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بايلىق كارخانىچىلار كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن كۇلۇب باشلىقى ئەختەمجان مۇئەللىم، ئۈرۈمچى ئەلساپا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى قەيسەرجان تاھىر، ئىلىم چېيىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى، مۇخبىر ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر، ماگىستىرلاردىن ھەبىبۇللا تۇرسۇن ئۇيغار، ئابدۇۋەلى ئالىم ئويتاغ قاتارلىقلار ئالاھىدە ئىشتىراك قىلدى، شىنجاڭ ئايتولدى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ، شىنجاڭ مەرھابا خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئاتىللا ئىنىرگىيە چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئۇرچى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ، ئۈرۈمچى ئەلساپا سودا چەكلىك شىركىتى ، ئۈرۈمچى سودا چەكلىك شىركىتى ، سەرۋى سودا چەكلىك شىركىتى ، ئىنتىل كەسپى تىخنىكا تەربىيلەش مەكتىۋى قاتارلىق شىركەت كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ، ئۈرۈمچى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ، ئانا تۇپراق تورى ، مىسرانىم تورى ، چىمبۇلاق تورى تەڭرىتاغ تورى ، ئىقىن تاراتقۇسى ، ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى ، قانۇنچىلىق گىزىتى قاتارلىق تاراتقۇلار ۋەكىللىرى ۋە ئاسپىرانىت تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 200دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

  پەخىرلىك ئۇستازىمىز تاشپولات روزى ئەپەندى ئامكىرىدىن تەبرىك خىتى ئەۋەتىپ چەتئەلدە تۇرىۋاتقان دوكتۇر ئۇستازلارغا ۋاكالىتەن بۇ قىتىمقى پائالىيەتنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى مۇھەممەت ياسىن ، زۇلپىقار بارات ئۆزباش ، تاھىر ئىمىن، ئابدۇراخمان ئابدۇغىنى ،ئەختەمجان ئەنۋەر ، ئابباس مۇئەللىم قاتارلىق ئۇستازلار سۆز قىلىپ ئاسپىرانىتلار سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە ياخشى بولغان تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى ۋە داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پائالىيەت 4 سائەتتىن ئارتۇق قىزغىن مۇنازىرە، تەكلىپ-پىكىر بېرىش، يىتەكلەش شەكلىدە داۋاملىشىپ غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر