باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ

2015.01.13 17:01         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2015 - يىلىنى ‹‹قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يىلى›› قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى تېخىمۇ پائال قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، ‹‹ئۈچتە قەتئىي بولۇش›› نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشنى قارار قىلغان.

  بۇلتۇر 23 - ماي مەركەز شىنجاڭنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، بىر يىللىق قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغانىدى.

  قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ‹‹توغرا زەربە بېرىش، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، ھەيۋە كۆرسىتىش›› تەلىپى بويىچە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاۋۋال ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننى باپلاپ، بىر تۈركۈم تىنچلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىنى پاش قىلدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكىتى بىخ ھالىتىدە ۋە ھەرىكەت قوللىنىشتىن بۇرۇن يوقىتىلدى؛ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىن ئەسەبىيلىكى ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىق بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتتى؛ تىنچلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا سوتلاپ، زوراۋان – تېررورچىلارنى قانۇننىڭ تېگىشلىك جازاسىغا تارتتى؛ ‹‹ئۈچ قانۇنسىز›› تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، دىن ئەسەبىيلىكى ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ مەنبەسى ۋە تارقىلىش يوللىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ ئاممىغا تېخىمۇ ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىپ ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نەچچە ئونمىڭ كادىر، ئامما بىرلىكتە زوراۋان - تېررورچىلارنى قورشاپ تۇتۇپ، قويۇق خەلق ئۇرۇشى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى.

  ‹‹قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يىلى››دا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، بالدۇر، بىخ ھالىتىدە زەربە بېرىشتە، ئادەم، دېلو، يىپ ئۇچىنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دېلونى پاش قىلىپ، پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلارنى قېزىپ چىقىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى سىستېمىسى، شايكىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۆتكەلگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىپ، قارا نىيەت ئۇنسۇرلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتۇشقا كۈچەشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر