باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەي ئېنپېي قانۇن-ئىنتىزامغا قاتتىق خىلاپلىق قىلىپ پارتىيەدىن چىقىرىلىپ خىزمەتتىن ھەيدەلدى

ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى بەي ئېنپېيغا دېلو تۇرغۇزۇپ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى قارا قىلدى

2015.01.14 20:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىر ئەزاسى، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى بەي ئېنپېينىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا قاتتىق خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بەي ئېنپېينىڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، زور مىقداردا پارا ئالغانلىقى ئېنىقلاندى.

  بەي ئېنپېينىڭ بۇ قىلمىشى قانۇن-ئىنتىزامغا قاتتىق خىلاپلىق قىلىش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى شەكىللەندۈرىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى»قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قاراپ چىقىپ ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇپ، بەي ئېنپېغا پارتىيەدىن چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر