خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز روزىھاجى نەزەر، مەلىكە روزىلار خەۋىرى، فوتوسى) پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ غولتوغراق يېزىسىدىكى 60 ياشلىق دېھقان كېرىم ئابلىز 2009- يىلدىن بۇيان 1.5 مو ئانارلىق باغ، بىر مو ئۆرۈكلۈك باغنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ياخشى باشقۇرۇپ ئانارنىڭ يىللىق كىرىمىنى 12 مىڭ يۈەندىن، ئۆرۈكنىڭ پايدىسىنى 7 مىڭ يۈەندىن چۈشۈرمىدى. غولتوغراق بازىرى ۋە بىڭتۈەن 3-دىۋىزىيە پەيزاۋات باش مەيدان بازىرىغا تىجارەتكە چىقىپ تەمى تاتلىق تەييار ئانار سېتىش، ئانار شەربىتى چىقىرىپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش بىلەن ئايلىق كىرىمىنى 4000 يۈەنگە يەتكۈزدى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى