باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىللىق كەنت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

2015.01.15 09:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:( ئونسۇ ناھيەلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىنئىختىيارى مۇخبىرلىرمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمانلار خەۋەر قىلىدۇ)5-يانۋار، ئونسۇ ناھىيەسى 2015- يىللىق كەنت دەرىجىلىك كادىرلارنى ۋەزىيەت تەربىيەسى، پارتىيە نەزەرىيىسى ۋە سىياسىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. پۈتۈن ناھىيەدىكى 104 مەمۇرىي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىرى 10 كۈنلۈك مەخسۇس كۇرسقا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ مەقسىتى ئىدىيە جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان،كەسىپ ئىقتىدارى كۈچلۈك يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئونسۇ ناھىيەسنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تەشكىلات كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. كۇرس پارتىيە نەزەرىيىسى، ۋەزىيەت توغرىسىدا سىياسەت، نەق مەيداندا ئوقۇتۇش، گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش قاتارلىق 4 مەخسۇس تېمىدا ئېلىپ بېرىلدى. مەزمۇن جەھەتتە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8-ئومۇمىي ئەزالار كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھى چۈشەندۈرۈلدى. يېزا ئاساسىي قاتلامدا دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشى،« ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر ئانالىز قىلىندى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر