باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا ئاساسىي مائارىپىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى

2015.01.15 09:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئاساسىي مائارىپىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆز يېزىسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپۈتىنىڭ يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن، يېزا مالىيەسىدە قىيىنچىلىق بولىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. يېقىندا، يېڭشەھەر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېڭشەھەر يېزا قارباغ ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىكى «سىنىپلار ئارا تورلاشتۇرۇلغان كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشىغا» 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان يېڭشەھەر يېزىلىق پارتكوم، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتنىڭ يېزىغا قاراشلىق ئۈچ مەكتەپ، ۋە بىر «قوش تىللىق» بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياردەم قىلغان ئومۇمىي سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر