خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 12-يانۋار مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كۇبا ئاللىقاچان 53نەپەر سىياسى جىنايەتچىنى قويۇپ بەرگەن ھەم ئامېرىكىغا ئۇقتۇرۇش قىلغان. بۇ ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق يېقىنلىشىشقا قاراپ مېڭۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى