باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ سىستېمىسىنىڭ 2014-يىللىق ‹‹ئەڭ پەزىلەتلىك ساقچى›› لارنى توردا باھالاش پائالىيىتى باشلاندى

2015.01.13 16:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ سىستېمىسىنىڭ 2014 - يىللىق ‹‹ئەڭ پەزىلەتلىك ساقچى››لارنى توردا باھالاش پائالىيىتى 5 - يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 14 دە رەسمىي باشلانغان. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تور ئەھلىنى تەڭرىتاغ تورىدا 2014 - يىللىق ئاپتونوم رايونىمىز ج خ سىستېمىسىدىكى ‹‹ئەڭ پەزىلەتلىك ساقچى›› لارنى باھالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بەت يۈزىدە ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ساقچىغا بېلەت تاشلاشقا تەكلىپ قىلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلق ساقچىلىرى ھالقىلىق پەيتتە ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، شۇنداقلا ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى قوغدىدى، ئامما ياقتۇرغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىلىرى مەيدانغا كەلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ج خ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن - ئىشلەنمىگەنلىكىنى ئامما ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ، شۇڭا خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانداق ئىشلىگەنلىكىگە نىسبەتەن ئاممىنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بۇلتۇر ئۆتكۈزگەن 2014 – يىللىق ‹‹ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلار››نى باھالاش پائالىيىتى ئاساسىدا، ‹‹ئەڭ پەزىلەتلىك ساقچى›› نامزاتىدىن 30 نى ئالدىن تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا تور ئەھلىنىڭ بېلەت تاشلىشى ئاساسىدا ئون ‹‹ئەڭ پەزىلەتلىك ساقچى›› تاللاپ چىقىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ‹‹تىنچ تەڭرىتاغ@ ››نامىدىكى (سىنا، تېڭشۈن) مىكرو بىلوگى، ‹‹تىنچ تەڭرىتاغ›› نامىدىكى ئۈندىدار سۇپىسىدا ماس قەدەمدە بېلەت تاشلاش بېتى تەسىس قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر