باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيە خەلق ئارمىيەسى پايتەخىتنى بومباردىمان قىلماقچى

2014.11.25 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋىيە يەرلىك تاراتقۇ ۋاستىسى «ئوتتۇرا گېزىت»نىڭ 23-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيە خەلق ئارمىيىسى پايتەخت تىرىپولى شەھىرىنى ئازاد قىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنى باشلىغان. لىۋىيە خەلق ئارمىيەسىنىڭ باش شتابى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىرىپولىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى بازىسى، قوماندانلىق شتابى، قورال-ياراق، ئوق-دورا ئىسكىلاتى ۋە «تېررورچىلارنىڭ بازىسى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىدۇ.

  بۇندىن بىر كۈن بۇرۇن خەلق ئارمىيەسى باش شتابىدىكى مەلۇم بىر ئەمەلدار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ئىدى، خەلق ئارمىيىسى لىۋىيىنىڭ شىمالى تەرىپىدە كۈرەشچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇردى، بۇ پايتەخت تىرىپولى شەھىرىنى بومباردىمان قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.

  ھەربىي ئەسلىھەلەردىن باشقا، تىرىپولى، مىسۇراتا (Misurata) ۋە لارىسخىلال (Lars Hilal) قاتارلىق رايونلاردىكى ئايرودروم ۋە پورت قاتارلىق يەرلەرمۇ بومباردىمان قىلىنىشى مۇمكىن. پايتەخت تىرىپولى شەھىرى بۇ يىل 8-ئايدا دىنى كۈچ بولغان خەلق ئەسكىرى قوراللىقلىرى «لىۋىيە شەپىقى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئامالسىز ھالدا شەرقى قىسىمدىكى كىچىك بازار توبرۇچ (Tobruch) قا كۆچۈپ كەتكەن ئىدى.

  «لىۋىيە شەپىقى» تەشكىلاتى بۇنىڭ بىلەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان ئالدىنقى قېتىملىق خەلق پارلامېنتىنى قايتىدىن يۆلەپ، «دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ھۆكۈمىتى» قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن لىۋىيەدە ئىككى ھۆكۈمەت ۋە ئىككى پارلامېنت بار بولغان ئەھۋال شەكىللەندى.

  10-ئايدىن بۇيان لىۋىيە خەلق ئارمىيىسى بىر قىسىم قوراللىق كۈچلەرنى قوشۇۋالدى ھەمدە دىنى كۈچ خەلق ئەسكىرى قوراللىقلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان رايونلارنىمۇ قايتۇرۇۋالماقچى بولدى. ھازىر خەلق ئارمىيەسى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بەنغازىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى كونترول قىلىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىكتىكى دىنى كۈچ خەلق ئەسكىرى قوراللىقلىرى بىلەن بولغان ئېتىشىش تېخى توختاپ قالغىنى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر