باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە تاراتقۇلىرى: سۈي روڭخەينىڭ رۇسىيەگە قىلغان زىيارىتى، كىم جۇڭئىننىڭ كىلەر يىلى پوتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى

2014.11.25 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈي روڭخەي 24-نويابىر رۇسىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. سۈي روڭخەينىڭ بۇ قېتىم رۇسىيەگە قىلغان زىيارىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تېزدىن قويۇقلاشقان چاۋشيەن-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، مەلۇم دىپلوماتىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە چاۋشيەن بىلەن رۇسىيەنىڭ كىم جۇڭئىن بىلەن پۇتىننىڭ باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى لايىھەسىنى بېكىتكەنلىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتى تارتتى. 20-نويابىر، رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف مۇخبىرلار يىغىنىدا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاۋشيەن تەرەپ ئەربابلىرى بىلەن كۆپ خىل شەكىلدە ئۇچرىشىشقا ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە چاۋشيەن بىلەن رۇسىيىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر چاۋشيەن بىلەن رۇسىيە باشلىقلىرى سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ قالىدىغان بولسا، بۇ چاۋشيەن بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشىغا بىر مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بىرىدۇ، شۇنداقلا كىم جۇڭئىننىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن تۇنجى قېتىم خەلقئارا سەھنىدە ئايان بولۇشى ھەمدە چەتئەل باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر